باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ۋە تارماقلار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

2014.02.24 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە« ئىسلاھات ئەمەلىيىتىگە چۆكۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇغا يۈرۈش قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چاقىرىقى چىقىرىلدى، ھەممە جايدا ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغان قىسقىغىنا 3 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ، جايلار ۋە تارماقلار ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

  17-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە ئۆلكە مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر ياخشى ھۆججەت چىقىرىش پەقەت بۇ سەپەردە بېسىلغان بىرىنچى قەدەم خالاس، ئاچقۇچلۇق مەسىلە يەنىلا بۇ ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇش ئاساسىمىزنى پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  2013-يىلى 22-نويابىر پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككىنچى كۈنى لېكسىيە ئۆمىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلىدى. 35 مەيدان دوكلات يىغىنى، 50 مەيدان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە 150 مىڭ كىشى بىۋاسىتە قاتناشتى، 18 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تېلېۋىزور ۋە تور ئارقىلىق كۆردى ئاڭلىدى، ھەر بىر مەيدان مول مەزمۇنلۇق دوكلات يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇرۇقى بارلىق قەلبلەرگە چېچىلدى، بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىسلاھاتقا ئاتلىنىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى مۇجەسسەملەندى.

  جايلار ۋە تارماقلار تېز ھەرىكەتكە كەلدى، توردا لېكسىيە سۆزلەش، مۇنبەردە لېكسىيە سۆزلەش، ئاساسىي قاتلامغا، مەھەللىلەرگە بېرىپ پۇقرالاردىن لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بارلىق كادىر ۋە ئامما ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى توغرا ئىگەللىدى.

  بۇ يىل 22-يانۋار، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، بۇ تۈرلۈك زور ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جايلار ۋە تارماقلار مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، سودا سانائەتتە رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەر ئايال بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولسا ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كادىرلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، كادىرلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاش، تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ھەرقايسى تەرەپلەر تەقەززالىق بىلەن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سىياسەت تەدبىر ۋە تۈزۈم ھۆججەتلىرىنى چىقاردى، بەزىلىرىدە قانۇنىي قارار چىقىرىلدى.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك، كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى پەقەت پۇختا خىزمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ ، قىيىنچىلىقنى بىرمۇ بىر يېڭىپ، مەسىلىنى بىرمۇ بىر ھەل قىلىپ، پۇختا قەدەم باسقاندىلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇستەھكەم، قۇدرەتلىك كۈچلەرنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر