- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ يەندۇڭ H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى
2014.01.27 15:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندۇڭ تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر 1-ئورۇنغا قويۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى ساغلام، خاتىرجەم، خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن بۇيان، قىسمەن رايونلاردا H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى تارقالدى، رايونلار، تارماقلار، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرغانلىقتىن، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك تىنچ بولدى. لېكىن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىگە يەنىلا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر