باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم توغرىسىدىكى ئوقۇشلۇق›› نەشر قىلىندى

2013.11.01 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم توغرىسىدىكى ئوقۇشلۇق›› ناملىق كىتابنى تۈزۈشكە تەشكىللىگەنىدى، بۇ كىتاب يېقىندا ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم توغرىسىدىكى ئوقۇشلۇق››تا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيە مەنبەسى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىش جەريانى، ئاساسلىق تەركىبى، ئومۇمىي ئاساسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، باش ۋەزىپىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساسىي تەلەپ ئومۇميۈزلۈك، ئېنىق شەرھلەنگەن، ئۇ پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم قوللانما. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى مول، نۇقتىئىنەزەرى روشەن، چۈشىنىشلىك، ئىخچام، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاددىي بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىدىكى ئوقۇشلۇقى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە مەكتىپى، كادىرلار مەكتىپى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەشتىكى دەرسلىك قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر