باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جېپ ماشىنىنىڭ تيەنئەنمېن جىنشۇيچياۋ كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇش ۋەقەسى ئۈستىدە سوئالغا جاۋاپ بەردى

2013.11.01 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىپلوماتىيە باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 30-ئۆكتەبىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا يېقىندا بىر جېپ ماشىنىنىڭ تيەنئەنمېن جىنشۇيچياۋ كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇش ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ قالدۇق ئىشلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا يۈز بەرگەن جېپ ماشىنىنىڭ تيەنئەنمېن جىنشۇيچياۋ كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇش ۋەقەسىدە 5 نەپەر چەتئەللىك ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاپەت ئەھۋالى كېلىپ چىقتى. بىز بۇ بەختسىزلىككە ئېچىنىمىز، بىگۇناھ قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە يارىلانغۇچىلاردىن ھال سورايمىز. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، يارىدارلارنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇردى ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ يارىدارلارنى يوقلىشى، كونسۇللۇق خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. بىز مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئىزچىل زۆرۈر ياردەم بېرىپ تۇرىمىز.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر