باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فىلىپپىندا 15 نەپەر جۇڭگولۇق ئىشچى تۇيۇقسىز قولغا ئېلىندى، جۇڭگو تەكشۈرۈشكە كىرىشتى

2013.08.06 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرى: فىلىپپىن تاراتقۇلىرىنىڭ 4-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، 15 نەپەر جۇڭگولۇق ئىشچى فىلىپپىننىڭ جيايايۈەن ئۆلكىسى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىدە قانۇنسىز قارا قۇم قېزىشقا چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ فىلىپپىن لاۋئاگدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بۇنى دەلىللىمەكتە.

  تۇتۇلغان جۇڭگولۇق ئىشچىلار ئەيىپلىنىشى مۇمكىنفىلىپپىن «سودا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جيايايۈەن كانچىلىق-گىيولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئەنچىدا مۇنداق دېگەن: بۇ جۇڭگولۇق ئىشچىلار «خۇاشيا سودا ۋە كانچىلىقى» نامىدىكى بىر شىركەتكە ئىشلەيدىغان بولۇپ، تۇتۇلغان ۋاقىتتا دېڭىز ياقىسىدا قانۇنسىز قارا قۇم قېزىۋاتقان ئىكەن. ئەنچىدا يەنە مۇنداق دېگەن: جيايايۈەن كانچىلىق-گىيولوگىيە ئىدارىسى بىلەن دۇيىيالاۋ شەھىرىدىكى دۆلەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ رايونلۇق ئىش بىجىرىش ئىشخانىسى «خۇاشيا سودا ۋە كانچىلىقى» شىركىتىنىڭ كان قېزىش ئورنىنى بىرلىكتە تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن ۋە تەدبىر قوللانغان.

  ئەنچىدا بۇندىن ئىلگىرى ئىش توختىتىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ‹خۇاشيا سودا ۋە كانچىلىقى› شىركىتىنىڭ قانۇنسىز قارا قۇم قېزىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەنچىدا يەنە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ كان قېزىش ئەسلىھەلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقى ھەمدە «خۇاشيا سودا ۋە كانچىلىقى» شىركىتى ۋە تۇتۇلغان جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەنچىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يەنە فىلىپپىن ليەنشىڭ ۋەنچۈ چەكلىك شىركىتى ۋە يەر بايلىقى شىركىتىگىمۇ ئىش توختىتىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز قارا قۇم قېزىشىنى چەكلىدى. (مۇخبىر خەن شۈياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل