- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى
2013.08.06 08:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ھازىرغىچە تۈركۈملەر بويىچە جەمئىي 54 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
شىنجاڭدا 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بۈگۈن (2-ئاۋغۇست) رەسمىي باشلاندى. بۇ تۈركۈمدە شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى 228 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدىن 11 مىڭ 154 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئاساسلىقى مۇستەقىل ئىنىستىتۇت ۋە خۇسۇسىي تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8-ئاۋغۇست تاماملىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، توردا تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمگە ۋە 3-تۈركۈمگە ئالدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، 1-ئاۋغۇست سائەت 18:00 كىچە، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمگە ۋە 3-تۈركۈمگە ئالدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى 26 مىڭ 800 گە يەتكەن.
ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تولۇق كۇرس 0- ، 1-، 2-تۈركۈملەرگە ۋە 3-تۈركۈمگە ئالدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جەمئىي 54 مىڭ 800 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل