باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بولكىۋاي شوپۇرى يېقىن يول بىلەن ماڭماقچى بولۇپ قاتناش ساقچىسىنى سوقۇۋەتكەن، ساقچىنىڭ سول پۇتى زەخمىلەنگەن

2013.07.09 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە، جىڭجۇ شەھىرى چىنلىڭ يولى بىلەن ميەنفاڭ يولى كېسىشمىسىنىڭ شىمالىدا A665TB 豫 نومۇرلۇق بولكىۋاي قائىدىگە خىلاپ ھالدا سېرىق سىزىقنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۇرالغاندا، ساقچى موتوسىكىلىتى مىنىپ، سىرتقا ۋەزىپە ئۆتەشكە چىققان قاتناش ساقچىسىنى سوقۇپ، نەچچە مېتىر يىراقلىققا قاڭقىتىۋەتكەن، قاتناش ساقچىسىنىڭ سول پۇتى زەخمىلەنگەن.

  بولكىۋاي شوپۇرى ياڭ X نىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ ئۆيىگە ئالدىراش كېتىۋاتقاندا، يول ئايرىش رىشاتكىسىنىڭ ئوچۇق يېرىنى كۆرۈپ، يېقىن يول بىلەن ماڭماقچى بولۇپ، شەرقىي سول تەرەپكە ئەمدىلا قايرىلىپ تۇرۇشىغا، ئۇدۇلدىن بىر ساقچىنىڭ ساقچى موتوسىكىلىتى مىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن،لېكىن تورمۇز قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. يارىلانغان ساقچىنىڭ ئىسمى تاڭ تيەنمىڭ بولۇپ، قاتناش ئىككىنچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ دەل قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقانىكەن. چۈش سائەت 12دە ۋەقە تۇغدۇرغان بولكىۋاي بىلەن سوقۇلغان ساقچى موتوسىكىلىتى نەق مەيداندىن ئېلىپ كېتىلدى، يارىلانغان ساقچى تاڭ تيەنمىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى. نۆۋەتتە بۇ ۋەقە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈپ، بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ. ( مۇخبىر لىلەن خەۋىرى ۋە فوتوسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە