- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
لوپ ناھىيەسىنىڭ 51 كىلومېتىرلىق مەدەنىيەت كارىدورى پۈتتى
2013.07.09 16:26 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
7-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ لوپ ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان بىريىل سەرپ قىلغان، 20دىن ئارتۇق دېھقان رەسسام، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئىجاد قىلغان 51 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەدەنىيەت كارىدورى پۈتۈپتۇ. تاملارغا ۋەتەننى سۆيۈش روھىنى جارى قىلدۇرۇش، كەنت مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، مەدەنىيەتلىك يېزا ئىستىلىنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى باش تېما قىلغان يۆگىمە رەسىملەر خەت بىلەن رەسىم نەپىس بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا سىزىلىپتۇ.
بۇ مەدەنىيەت كارىدورى لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئەتراپتىكى لوپ بازىرى، بۇيا يېزىسى قاتارلىقلارغا يېيىتىلغان ، مەزمۇنى رېئال تەسۋىر ۋە سىدام سىزما ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يېزىلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان جەمئىي 842پارچە رەسىم سىزىلغان، ھەمدە رەسىم مەزمۇنىغا ئاساسەن 350 تەشۋىقات ماۋزۇسى يېزىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
ئالاقىدار خەۋەرلەر