باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر ھەربىي تەرەپ تېرورچى دېگەن باھانە بىلەن مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن 42 ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتتى

2013.07.09 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، مىسىر قاھىرە، جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچى قىسىم باش شىتابىغا بارىدىغان يولدا، مىسىرنىڭ خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭى مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەربىي تەرەپ بىلەن قارشىلاشتى. مىسىر تەپتىش دائىرىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قاھىرەدىكى باش شىتابىنى تاقاش بۇيرۇقى چىقاردى.

  مىسىر ھەربىي تەرەپنىڭ خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭ مۇرسىنى تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىشىگە ئەگىشىپ، ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەنسۇر ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولدى. مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى ناچارلاشتى، مۇرسى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى مىسىر ھەربىي تەرەپ بىلەن ئىزچىل قارشىلىشىپ كەلدى. شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى مىسىر ھەربىي تەرەپ ۋە ساقچى دائىرلىرى مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ئوق چىقىرىپ، 40 ئادەمگە تالاپەت يەتتى. مىسىر سەھىيە تارمىقىنىڭ سىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 42 ئادەم ئۆلگەن ، 322 ئادەم يارىلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە