باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەت بۈگۈن « دېڭىزدا بىرلىشىش-2013 » ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ باردى

2013.07.08 18:11   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەت بۈگۈن « دېڭىزدا بىرلىشىش-2013 »  ناملىق ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ باردى

  2013-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، روسىيەگە بېرىپ جۇڭگو-روسىيە « دېڭىزدا بىرلىشىش-2013» ناملىق ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي كېمە سەپ تۈزۈش ئەترىتى ياپون دېڭىزىدا سەپ تۈزۈش ھەرىكىتى مەشىقى ئېلىپ بارماقتا. بۇ سەپ تۈزۈش ئەترىتىنىڭ سەپ تۈزۈشتىن ئاتلىنىشقا ئۆتۈش مەشىقى قىلىۋاتقان ھالىتى.

  جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ « دېڭىزدا بىرلىشىش-2013 » ناملىق ھەربىي مانىۋېرى بۈگۈندىن باشلاپ ياپون دېڭىزى پېتىر ئىمپىراتۇر قولتۇقى ئەتراپىدىكى دېڭىز ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىككى تەرەپتىن 19 ھەربىي كېمە ۋە 2 ئالاھىدە شۆبە ئەترەت مانىۋېرغا قاتنىشىدۇ. ئىگىلىنىشىچە بۇ ئېلىمىز دېڭىز ئارمىيەنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بىر قېتىمدىلا چەتئەلگە چىقارغان ھەربىي كېمە ۋە ئەسكەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان جۇڭگو-چەتئەل بىرلەشمە مانىۋېر ھېسابلىنىدىكەن. ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى فاڭ فېڭخۇي جۇڭگو-روسىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ بۇ بىرلەشمە مانىۋېرى ئۈچىنچى بىر تەرەپكە قارىتىلغان ئەمەس دەپ، تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز