خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش(خەلقئارا) راللىي مۇسابىقىسى SS7قۇمۇل 7-مۇسابىقە بۆلىكى 4-ئىيۇل ئاخىرلاشتى. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى قۇمۇلدىكى تۆگە چەمبىرىكى دىگەن جايدىن باشلىنىپ، ئۆلكە يولى 328لېنىيىسى(قىزىل تاش كانچىلىق يولى ئېغىزى)دا ئاخىرلىشىدۇ،ئومۇمىي مۇساپىسى 450 كلومېتىر، ئىسمى جىسمىغا لايىق شەيتانسىمان مۇسابىقە بۆلىكى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى 400 كلومېتىردىن ئاشقان قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى قۇمۇل شەھىرىنىڭ ھارارىتى 39 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، مۇسابىقە يولىنىڭ ھارارىتى 45 گرادۇسقا يېقىنلاشقان، ھەمدە يول يۈزى مۇرەككەپ، قۇم بوران قاتتىق بولدى.
مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلەك لىنىيىسى نىسبەتەن تۈز، بىراق يەنە خېلى كۆپ ئازگاللار بار، كېيىنكى يېرىم بۆلىكى قۇملۇق بولۇپ، يۇمشاق قۇمدا ماشىنا ئاسانلا پېتىپ قالىدۇ. مۇسابىقە يوللىرىدا سۈرەتكە تارتقان مەزگىلدە ھارارەت ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى.