باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

قائىدىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش سىنىپىغا دائىر ئالتە تىپىك دېلو ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2013.07.05 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مائارىپ نازارىتى (مائارىپ كومىتېتى)غا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مائارىپ ئىدارىسىگە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدايۈز بەرگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قالايمىقان ھەق يىغىشقا دائىر تىپىك ئالتەدېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس تولۇقلاش سىنىپى ئېچىپ قالايمىقان ھەق يىغىشقا چېتىلىدىغان بۇ ئالتە دېلونىڭ بەشى قائىدىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش سىنىپى ئېچىشقا، بىرسى قائىدىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ سىرتىدا تەكرارلاش سىنىپى ئېچىشقا تاقىلىدىكەن

  خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، ھەر شەنبە كۈنى تولۇقسىز 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشقا ۋە تەنتەربىيە ئىمتىھانى تۈرلىرىنى مەشىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەر ئايدا بىر ئوقۇغۇچىدىن 100 يۈەن يىغقان. جىڭجوۋ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، مەكتەپنى دەرس تولۇقلاشنى توختىتىپ، يىغقان دەرس تولۇقلاش ھەققىنى تولۇق قايتۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە شەھەرلىك مائارىپ سىستېمىسى ئىچىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىگەن؛ بۇ مەكتەپنىڭ 2013-يىللىق تۈرلۈك ئەلا باھالىنىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغان؛ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرىغا مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە