باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن جىلىندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئادە ئېغىر ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلدى

ئىككى نەپەر مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقىغا چارە كۆرۈلدى

2013.07.08 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى باۋيۈەنفېڭ قۇشچىلىق چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن «3-ئىيۇن» پەۋقۇلئادە ئېغىر ئوت ئاپىتى-پارتلاش ھادىسىسى، جىلىن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى تۇڭخۇا كانچىلىق شىركىتى باباۋ كۆمۈرچىلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن «29-مارت» پەۋقۇلئادە ئېغىر گاز پارتلاش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دوكلاتىنى تەستىقلىدى. گوۋۇيۈەن ھادىسە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىگە قوشۇلدى، بۇ ئىككى ھادىسىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر مەسئۇلىيەت ھادىسىسى دەپ قاراپ، ھادىسىگە ئالاقىدار مەسئۇل ئورگانلار ۋە خادىملارنى بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىگە قوشۇلدى، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جىنايەتكە چېتىشلىق 35 مەسئۇل خادىم ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ قانۇن بويىچە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى، قالغان 73 مەسئۇل خادىمغا ئايرىم-ئايرىم ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە