- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان جۇڭگولۇقلارغا كۆڭۈل بۆلدى
2013.07.08 15:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكودا يۈز بەرگەن كورېيە ئازىئانا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ھادىسىدە بەختكە قارشى قازا قىلغان جۇڭگولۇق پۇقرالارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، يارىلانغان، بەختكە يارىشا ئامان قالغان جۇڭگولۇق پۇقرالار ھەمدە باشقا يولۇچىلاردىن ھال سورىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل