باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن زور بەدەلگە قارىماي ھەدەپ قورال سېتىۋالدى

2013.07.08 10:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئىيۇل بۇندىن كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە 75 مىليارد پېسو يەنى بىر مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جۇغلاپ، ئىلغار ھەربىي جابدۇق سېتىۋېلىپ، فىلىپپىننىڭ قالاق قورال-جابدۇقلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلىدە، گەرچە فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى قورال-جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مەقسىتى جۇڭگو بىلەن ھەربىي توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىش ئەمەس دېگەن بولسىمۇ، لېكىن مانىلا يەنىلا چەتئەللەردىن قورال سېتىۋېلىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت جەھەتتىن تىركىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ دېيىلدى. فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مالىيە ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارى فېرناندو مانارو شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فىلىپپىن ئارمىيە دائىرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قورال-ياراق سېتىۋېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى. سېتىۋېلىش پىلانىغا ئاساسەن، فىلىپپىن 18 مىليارد پېسو، يەنى 432 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جۇغلاپ، ئىتالىيەدىن غەربىي شىمال شامىلى ناملىق ئىككى مۇھاپىزەت پاراخوتى سېتىۋالىدۇ. مانارو فىلىپپىن ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىدىن غەربىي شىمال شامىلى ناملىق بىر نىمكەش مۇھاپىزەت پاراخوتى سېتىۋالماقچى بولغان ئىدى، ئەمما ئاخىرىدا زور بەدەلگە قارىماي ئىككى يېڭى ھەربىي پاراخوت سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى دېدى.

  غەربىي شىمال شامىلى ناملىق مۇھاپىزەت پاراخوتىغا پاراخوتقا قارشى تۇرۇش، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، رادار، زەمبىرەك ۋە ئىككى تىك ئۇچار سەپلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى پاراخوت قوغداپ، چۆكمە پاراخوتقا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن تارتىپ، ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئىشلىتىشكە باشلىغان، نۆۋەتتە يەنىلا ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق مۇھاپىزەت پاراخوتى بولماقتا.

  غەربىي شىمال شامىلى ناملىق مۇھاپىزەت پاراخوتى سەپلەشتىن سىرت، فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسى يەنە ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسمىدىن قايتىدىن يېڭىلانغان خامىلتون ناملىق چارلىغۇچى پاراخوت سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى. خامىلتون ناملىق چارلىغۇچى پاراخوت-ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭ چارلىغۇچى پاراخوتى، ئۇنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى 3250 توننا بولۇپ، بىر مۇھاپىزەتچى پاراخوتقا تەڭ كېلىدۇ. 2011-يىلى ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن بىر خامىلتون ناملىق چارلىغۇچى پاراخوت بەرگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ نىمكەش ھەربىي پاراخوتىغا فىلىپپىن دېلبىرال دەپ نام بېرىپ، فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدىكى ئەڭ ئىلغار ھەربىي پاراخوتىغا ئايلانغان ئىدى.

  بۇندىن باشقا، فىلىپپىن ئارمىيە دائىرلىرى يەنە 18 مىليارد 900 مىليون پېسو، يەنى 454 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جۇغلاپ، كورىيەدە ئىشلەنگەن 50- FA بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاندىن 12 نى سېتىۋېلىش ھەم يېڭىچە راكېتامىيوت، كېچىدە ئۇرۇش قىلىش رادار سىستېمىسى، قوراللىق تىك ئۇچار ۋە ئىككى ئۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق قورال-جابدۇقلارنى تولۇقلاپ سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى. مانارو فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئاكىنو ئۈچىنچى 2016-يىلىدىن بۇرۇن، فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسىنى قايتا قۇرۇش پىلانىنى ئورۇنلاش، سېتىۋالغان 50- FA بەلگىلىك ئون ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئاز دېگەندە تۆتىنى كېلەر يىلى فىلىپپىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە