باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلىدىن بۇرۇن دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋال رادىيو سىستېمىسى قۇرۇلىدۇ

2013.07.05 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق تارماقلار دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋال رادىيو سىستېمىسىنى قۇرۇپ، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلىمىزدىكى ھەرخىل ئاپەتلەرنى دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋال رادىيو سىستېمىسى ئارقىلىق ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جىددىي ئەھۋال ئۇچۇرىنى تارقىتىشتا پۈتۈن مەملىكەت ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  جىددىي ئەھۋال رادىيوسى- زور تەبىئىي ئاپەت، تۇيۇقسىز ۋەقە، ئاممىۋىي سەھىيە ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋىي كىرىزىستىن كېيىن، يۆنىلىشلىك جىددىي ئەھۋال چاستوتىسى ئارقىلىق جامائەتكە ئاپەت ئۇچۇرىنى، ئاپەت رايونى ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدىغان رادىيو. ئېلىمىز ھازىر تېخى جىددىي ئەھۋال رادىيو سىستېمىسىنى قۇرۇپ بولالمىدى، ئالاقىدار ئورۇنلار جىددىي ئەھۋال رادىيوسىغا ئالاقىدار ئۆلچەمنى تۈزىۋاتىدۇ.

  تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن «ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا جىددىي ئەھۋال رادىيوسىنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىش- `دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋال رادىيوسى، لۇشەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي ئەھۋال رادىيو ئىستانسىسى`نىڭ تەجرىبە ئەھمىيىتى» مۇزاكىرە يىغىنىدا، مۇتەخسسىس، ئالىملار مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر ئېلىمىزدە تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا شۇ يەرنىڭ ئاپەت ئاگاھلاندۇرۇشى، ماددىي ئەشيالارنىڭ تارقىتىلىشى، قايتا قۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش تېخى ئىشقا ئاشمىدى. دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شەن جۈنچاڭ مۇنداق دېدى: جىددىي ئەھۋال رادىيو سىستېمىسى ھەرخىل جىددىي ئەھۋال پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن، جىددىي ئەھۋال رادىيو سىستېمىسى كىرىزىس ۋە خەتەرگە تاقابىل تۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر ۋە ۋاستە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە