باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىگا 8 تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئېياكۇتتا چۈشۈپ كەتتى

2013.07.04 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىگا 8 تىپلىق بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان روسسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئېياكۇت جۇمھۇرىيىتىدە مەجبۇرىي قونغاندا پاچاقلىنىپ كەتتى، مەلۇم سانلىق مەلۇماتتا 19 ئادەم قازا قىلدى دېيىلدى.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان كۈچلۈك قارشى ئېقىمغا دۇچ كەلگەنلىكتىن تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ، قۇيرۇق قىسمىدىكى پىرقىرىغۇچى بۇزۇلغان، ئاخىرىدا مەجبۇرىي قونماقچى بولغاندا چۈشۈپ كېتىپ ئوت كەتكەن. تىك ئۇچاردا 28 ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 11 نەپەر ئۆسمۈر بار. روسسىيە جىددىي ئەھۋال مېنىستىرلىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «380دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە 50 ماشىنا بۇ قېتىمقى ھادىسىنى ئىزدەش قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى، بىراق ناچار ھاۋارايىۋە چۈشۈپ كەتكەن ئورۇندا تاشيول بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، قۇتقۇزۇش خىزمىتى زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى». روسسىيە جۇمھۇرىيەتلەر ئارا ئاۋىئاتسىيە كومىتىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھادىسىدە 19 ئادەم قازا قىلغان، بىراق قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا تېخى كىرمىگەنلىكتىن، بۇ سانلىق مەلۇمات روسسىيە جىددىي ئىشلار مېنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلمىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم