باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەنسۇر مىسىرنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى بولدى، مورسى «دەم ئېلىپ داۋالىنىش»قا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2013.07.05 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل قاھىرەدىن بەرگەن خەۋىرى: مىسىر ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەنسۇر 4-چېسلا ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىدە قەسەم بېرىپ مىسىرنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، ئۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.

  مىسىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى سەسى 3-چېسلا كەچتە پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، مىسىرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولىنىڭ ئىسخېمىسىنى جاكارلىغانىدى، مەزكۇر ئىسخېما زۇڭتۇڭ سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈش، ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۆتەش ۋە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاساسىي قانۇننى ۋاقىتلىق توختىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ليۇ شۈيمىڭ، خۇاڭ پېيجاۋ، جاڭ مېڭشۈ، ليۇ رۈيلەر خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە