باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ھوقۇقنى خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتكە تېزراق قايتۇرۇپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.07.05 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 3-ئىيۇل مىسىر ئارمىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت مورسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ھوقۇقنى خەلق سايلىغان ھۆكۈمەتكە تېزراق قايتۇرۇپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئوباما يەنە مىسىردىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە زوراۋانلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ دۆلەتكە بولغان ياردەمنى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا بۇيرىدىم.

  مىسىردىكى قىسمەن جايلاردا يېقىندا مورسىنى قوللايدىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان چوڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بېرىپ، نەچچە ئونلىغان كىشى قازا قىلدى، نەچچە يۈز كىشى يارىلاندى، بۇ دۆلەتنى ئېغىر كىرىزىسكە سۆرەپ كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە