باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىخەنزە شەھىرىدىكى ئىككى كىشى توردا زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى

2013.07.04 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىخەنزە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تەرەققىيات رايونى ساقچىخانىسى ج خ ئىدارىسى تور ئامانلىقى تارماق ئەترىتى يەتكۈزگەن ج خ مىنىستىرلىقى ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 2دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، بىر تورداش شىنلاڭ مىكرو بىلوگىدا تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانىدى.

  ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ Ⅹنىڭ 2013-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 2دە يانفوندىن تورغا چىقىپ QQ بوشلۇقىدا ئۆزى يازغان بىر يالغان چاپلىمىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، چاپلىما ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا سۈيⅩنىڭ ئۇنى ئۆز بوشلۇقىغا يۆتكەپ چاپلىغانلىقىنى، نەتىجىدە ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز تورداشلار ۋە ئاممىنى ساراسىمىگە سالغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

  تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى تورداش ئۆز قىلمىشىغا توۋا قىلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىنتېرنېت تورىدا ئەمەلىي پاكىتى يوق ئۇچۇر يوللىماسلىق ھەققىدە كاپالەت بەردى ھەم يالغان ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرىۋەتتى.

  ساقچى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاڭ Ⅹ بىلەن سۈي Ⅹ كە 10 كۈنلۈك مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە