باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى ھەققىدە سۆز قىلدى

2013.07.04 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 3-چېسلا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا شىنجاڭدا زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت بىگۇناھ ئاممىسىغا قەبىھ ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەندى ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: بۇ زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلولىرىنىڭ باش جىنايەتچىسى چېگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچلەر» دۇر. ئۇلار دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىنىي ئەھكاملارنى بۇرمىلاپ، ئەسەبىي دىنىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنى ئازدۇرۇپ، ئاتالمىش «غازات» قىلىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى پارچىلاش. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئىسلام روھىغا مۇخالىپ، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۇلارنى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە