باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دۆلەتلىك يادرو جىددىي ئەھۋال لايىھەسى» ئېلان قىلىندى

2013.07.04 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دۆلەتلىك يادرو جىددىي ئەھۋال لايىھەسى» 3-ئىيۇل جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى، ئېلىمىز دۆلەت، ئۆلكە، يادرو ئەسلىھەلىرى مەشغۇلات ئورنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. ئۈچ دەرىجىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن ۋەقە يۈز بەرسە، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى يادرو ئېلېكتىر زاۋۇتىدىن سىرت، ئۇلارنىڭ شىركەتتىكى ئەڭ يۇقىرى قۇرۇلمىسى-گۇرۇھ شىركىتىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

  دۆلەتنىڭ يادرو جىددىي ئەھۋال ئىنكاس قايتۇرۇش تېخنىكىلىق مەدەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ جىنۋۇ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئېلىمىز دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەتلىك يادرو جىددىي ئەھۋالغا ئىنكاس بېرىش، يادرو جىددىي ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش، يادرو رادىئاتسىيەسىدىن قوغدىنىش قاتارلىق سەككىز كەسپىي تېخنىكىلىق مەدەت مەركىزى، ئالتە جىددىي ئەھۋال قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى، شۇنداقلا مۇھىت، دېڭىز-ئوكيان، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ قاتارلىق تۆت رادىئاتسىيەنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش تورىنى قۇردى ۋە 300 قېتىمدىن ئارتۇق ھەرخىل يادرو جىددىي ئەھۋال مانىۋېرى تەشكىللىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىدە 2-دەرىجىدىن يۇقىرى ۋەقە، ھادىسە يۈز بېرىپ باقمىدى. ئېلىمىز يادرو ۋەقەسى جىددىي ئەھۋال ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياۋ بىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يادرو جىددىي ئەھۋال ئىقتىدارى، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى نەزەردە تۇتساق، ئېلىمىزنىڭ يادرو ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھامان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى باشلايدىغان ئىقتىدارى، ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىشەنچىسى بار، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم بولسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە