باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىنىڭ كېيىنكى دەۋرى: جۇڭگونىڭ غەربىي رايون تۆمۈر يول تورى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلمەكتە

2013.07.05 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىنىڭ پۈتۈن لىنيىسىدە قاتناش باشلانغان يەتتە يىلدىن كېيىن، ئېلىمىز ھازىرقى تۆمۈر يولنى تۈگۈن قىلىپ، غەربىي رايوننىڭ تۆمۈر يول تورى قۇرۇلۇشىنى زور كۆلەمدە تىز ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جيۇ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىزاڭنى تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخى بىلەن خوشلاشتۇرۈپ، چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتىكى كۈچلۈك ماتورغا ئايلاندى،شۇنداقلا غەربىي رايوننىڭ قاتناش يېڭى خەرىتىسىنى تۈزۈشكە يېڭى ئاساس سالدى. پولات تۆمۈر چوڭ تومۇرى بەلۋاغ قىلىنغان ، كەلگۈسىدىكى شەرقنى كۇنمىڭ ، جەنۇبنى شىزاڭ، غەربنى شىنجاڭ، شىمالنى دۈنخۇاڭ بىلەن باغلايدىغان غەربىي رايون تۆمۈر يولى تۈگىنى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  ئېلىمىز غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكى يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى. بولۇپمۇ تۆمۈر يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكى تۆمۈر يول ئىگىلىكى دەۋرىگە كىرىپ، مىسلىسىز ھاياتى كۈچى نامايان قىلىندى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىدا شىزاڭغا بارغان ۋە قايتقان يولۇچىدىن 62 مىليون 990 مىڭ ئادەم قېتىم، 297 مىليون 624 مىڭ توننا يۈك توشۇلدى.

  چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولى شىركىتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2015-يىلىغىچە چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يول شىركىتى يىللىق توشۇغان يولۇچى 10 مىليون كىشى، توشۇغان يۈك 90 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. 12- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، چىڭخەي شىزاڭ تۆمۈر يولىنىڭ سوزۇلغان لىنىيىسى ۋە تارماق لىنىيىسى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. لەنجۇ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ 2- قوش رېلىسلىق لىنىيىسى، لاسا رىكازى تۆمۈر يولى، گولموت دۈنخۇاڭ تۆمۈر يولى، گولموت كورلا تۆمۈر يولى، شىنىڭ يولۇچىلار بېكىتى تۈگۈنىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنىڭدىن يۈشۇ،چاڭدۇ، كۇنمىڭغىچە بولغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى تۈرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈر يول تورى پىلانىغا ، لاسا- لىنجى، گولموت چېڭدۇ، شىنىڭ –چېڭدۇ تۆمۈر يولى دۆلەت تۆمۈر يولىنىڭ 12–بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، گولموت –كورلا تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇش تەتقىقات دوكلاتى باھالاپ چىقىلدى. پات ئارىدا ئىش باشلىنىدۇ.

  ئېگىزلىكتە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قىلىش ۋە تۆمۈر يولنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشتە دۇنياۋى خاراكتېرلىك كۆپلىگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق. جۇڭگو توڭ تۇپراقتا تۆمۈر يول ياساش، ئېگىزلىك، سوغۇق رايوندا ئوكسىگېن كەمچىل بولۇش، ئېكولوگىيىنى قوغداش قاتارلىق ئۈچ چوڭ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ مۆجىزە يارىتىپ، دۇنيادا ئېگىزلىك تۆمۈر يولى ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە