7-ئاينىڭ 2- كۈنى، مۇرسىغا قارشى تۈركۈملىگەن نامايىشچىلار توپى مىسىردىكى قاھىرە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىغا توپلىشىۋالغان.
مىسىر زۇڭتۇڭى مۇرسى 2-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ھېساباتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن بەرگەن ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي تەرەپنىڭ بىر كۈن ئىلگىرى مىسىردىكى ھەرقايسى مەزھەپلەر ئۈچۈن بېكىتكەن 48 سائەتلىك ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.