باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

جۇڭگونىڭ ئۆي باھاسى ئۆرلەپ دۇنيا بويىچە ئەڭ يوقىرى بولدى

2013.07.04 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت 10 چوڭ ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ يەتتىسى جۇڭگودا ئىكەن. جۇڭگونىڭ باش قىممەت كۆرسەتكۈچى تەتقىقاتچىسى سۈي شىنشېڭنىڭ «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە گېزىتى» مۇخبىرىغا كۆرسىتىشىچە، جۇڭگونىڭ ئۆي باھاسى تەننەرخىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى باشقا ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكىئۆي باھاسى ئايرىمىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، GDPنىڭ ئېشىش ئەندىزىسى ئۆي باھاسىنىڭ «جۇڭگوچە» ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

  جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئۆي-زېمىن كەسپى تەتقىقاتچىسى يىن شۈفېينىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئۆي باھاسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ يوقىرى بولۇشى مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىچكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تەڭكەش بولماسلىقىبولۇپ، ئۆي-زېمىن تۇرالغۇ بولۇشتىن ئىبارەت بۇ فۇنكسىيەسىدىن بەكلا يىراقلاپ، مەبلەغ سېلىش، ھايانكەشلىك قىلىشتىكى ئاساسلىق تاللاش بولۇپ قالغان.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ئۆي-زېمىنئەڭ قىممەت 10 چوڭ شەھەر بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن، شياڭگاڭ، تيەنجىن، دۇڭجىڭ، سىدنېي، گۇاڭجۇ، لوندون ۋە چۇڭچىڭ ئىكەن، بۇنىڭ يەتتىسى جۇڭگو شەھرى بولۇپ، بەشى دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ئۆي-زېمىن بازىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر