خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ2-كۈنى چۈشتىن كېيىن تەڭرىتاغ تورى «شىنجاڭ ئۈچۈن سۆزلەيمەن» ناملىق تور مىكرو پائالىيىتىنى باشلىدى ۋە شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللىي كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىشكەن سۈرەتلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ياقتۇرىدىغان مەلۇم جايلار، ئېسىل يىمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ سىنلىرىنى يىغدى. تورداشلار بەس-بەستە بۇ پائالىيەتنى تارقاتتى. «شىنجاڭنى سۆيىمەن، شىنجاڭ ئۈچۈن سۆزلەيمەن» دىگەن ئاددىيغىنە سۆزلەر، ھەقىقىي كۈلۈمسىرەشلەر بىرىكىپ تور يۈزىدە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەققانىي ئېنىرگىيە بولۇپ قالدى.