باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

11 ھۆكۈمەت كادىرى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلدى

2013.07.05 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: جىلىن ئۆلكىسى دېخۈي شەھىرى باۋيۈەنفېڭ قۇشچىلىق شىركىتىدە يۈز بەرگەن 121 ئادەم ئۆلۈپ، 76 ئادەم يارىلانغان زور ئوت ئاپىتى ‐‐ كارخانا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك مەشغۇلات قىلغانلىقى، ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قانۇن خىلاپ ھالدا مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەنلىكى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زور مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋەقەسى. تەپتىش ئورگانلىرى نۆۋەتتە دېخۈي شەھىرى مىشازى بازىرىنىڭ باشلىقى ليۇ جېنشياڭ، ساقچىخانىنىڭ سابىق باشلىقى جاۋ جېن، دېخۈي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئوت مۇداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق باشلىقى لۈ يەندۇڭ قاتارلىق 11 ھۆكۈمەت كادىرىنى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايى بىلەن دېلو ئېچىپ تەكشۈردى ۋە ئۇلارنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. (پېڭ بو خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە