باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى، تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمدە شىنجاڭدا 5800 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى

2013.07.04 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3- كۈنى باشلاندى. مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاۋۋال تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، بۇ ھەربىي ساقچى جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرىدىكى مەكتەپلەر، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلەر سەنئەت تۈرىدىكى، تەنتەربىيە تۈرىدىكى ۋە باشقا ئالدىن ئۆزئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، جەمئىي 5800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇڭشىن مائارىپ مېنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پىلانلىق قوللىنىلىدىغان باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، ئوقۇغۇچى مەنبەسى پىلانىنى تەڭشەش بىردەك « مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبە پىلانىنىڭ توردىكى باشقۇرۇش سېستىمىسى » ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىنى بەلگىلىشىگە بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەڭشەش پىلانىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ھەرقانداق قوبۇل قىلىش ھەققى ئېلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، دېدى.

  بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى 158مىڭ 700 دىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچى سانى 54مىڭ 600 دىن ئاشتى، تەبئىي پەن ئوقۇغۇچى سانى 99مىڭ 100 دىن ، « ئۈچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى » سانى 5 مىڭدىن كۆپرەك، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى سانى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 4000 دىن ئېشىپ كەتتى. بۇ يىل مىڭدىن ئارتۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا 130مىڭ 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىن 73مىڭ 400 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ، ئاپتونۇم رايون سىرتىدىن 56 مىڭ 700 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە