باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى زىيارەت قىلغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاكىسى «ئۇلار ئادەم ئەمەسكەن...» دېدى

2013.07.04 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 3-كۈنى، پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن «26-ئىيۇن» زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسىگە بىر ھەپتە بولدى.ئەخمەت كۈندىكىدەك ئىتتىپاق ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئىشىك ئالدىدىكى يولنى سۈپۈردى. بۇ كوپىراتىپنى ئۇ ئىنىسى مەمەتجان بىلەن بىللە قۇرغانىدى. نەچچە كۈن بۇرۇن قاباھەتلىك چۈش ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى:

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى تاڭ يورۇماستا، ئۇ ئىنىسى بىلەن شېرىن ئۇيقۇدا ئىدى. تۇيۇقسىز ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ، باش-كۆزى قانغا بويالغان بىراۋ يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىشىك تۈۋىدىلا يىقىلدى. ئىنىسى دەرھال كارىۋاتتىن چۈشۈپ يۆلىمەكچى بولىۋېدى، پىچاق بىلەن قوراللانغان بىر نەچچە زوراۋان ئۇنسۇر باستۇرۇپ كىردى، ئىنىسى نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە پىچاق يەپ قان ئىچىگە يىقىلدى. ئەخمەت ۋارقىرىغان پېتى قېچىپ بالاقازادىن قۇتۇلۇپ قالدى.

  مانا ئىنىسى ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈچ ياشقىمۇ تولمىغان بالىسى يېتىم قالدى، ئۈچ ئەۋلاد ئون نەچچە جاننىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىشتەك ئېغىر يۈك ئەخمەتنىڭ زىممىسىگە چۈشتى.

  «‐‐ ئۇلار ئادەم ئەمەسكەن، راستىنلا ئادەم ئەمەسكەن،‐‐ دېدى ئەخمەت تامدىكى قان داغلىرىنى كۆرسىتىپ يىغلاپ تۇرۇپ،‐‐ ئۇلار ئىنىمنى بىكاردىن بىكارلا ئۆلتۈرۈۋەتتى...» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە