باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر ھەربىي تەرەپ زۇڭتۇڭ سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى ئېلان قىلدى

2013.07.04 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورىنىڭ 3-ئىيۇل قاھىرەدىن بەرگەن خەۋىرى: مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەسى 3-چېسلا كەچتە پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقتىنچە ئۆتەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  سەسى مۇنداق دېدى: ھەربىي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان مىسىرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى ئىسخېمىسى ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئاساسىي قانۇننى ۋاقتىنچە توختىتىش؛ زۇڭتۇڭ سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈش، زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇنئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىزۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۆتەپ تۇرۇش؛ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش؛ مەخسۇس كومىتېت تەشكىللەپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى كېڭىشىش قاتارلىق تۆت مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (لى مېيتىڭ، تيەن شياۋخاڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە