خەلق تورىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرامىسى: مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم سودا-سېتىق بازىرى بولۇپ، ئەزەلدىنلا « جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىرىنچى چوڭ بازار » دېگەن نامى بار. ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبىسىدىكى بازار كۈنىدە، تەرەپ-تەرەپتىن بازارغا كەلگەن يېزىلىقلارنىڭ سانى 100مىڭغا يېتىدۇ. كۈنلۈك سودا سوممىسى 5مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. يېزىلىقلار ئۆيىدىكى قوي-كالىلىرىنى يېتىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، بازاردا سېتىپ ياكى سېتىۋېلىپ، سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ ئاۋاتلىقىدىن ۋە سۈرەنلىرىدىن خۇددى ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھوزۇرلىنىدۇ.(شېن جيەن فوتوسى)