باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

«ئالامەت سۇئال»لار ساپانى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ

گو يۈەنپېڭ

2013.07.05 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل تۈرلۈك ئىمتىھانلاردا «پىل چۆمۈلىنى دەسسەپ سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇۋەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟»، «بولكا بىلەن ھورنان ئۇرۇشسا كىم يېڭىدۇ؟»، «سىزنىڭچە دۇ فۇ ئالدىراشمۇ؟» دېگەندەك «ئالامەت سۇئال»لار كۆرۈلدى.

  ئۆلۈك ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنى ئۆزگەرتىش ياخشى ئىش، لېكىن يېڭىلىق يارىتىش ھەرگىزمۇ ئادەم قىيناش، مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى خالىغانچە بىرلەشتۈرۈپ قويۇشلا بولۇپ قالماسلىقى لازىم. بۇنداق مەنتىقىسىز، ئىلمىيلىكتىن ھالقىغان سوئاللار ۋە مېغىزىنى تاشلاپ شاكىلىغا ئېسىلىۋالىدىغان، ھەتتا باش-ئايىغى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىلگەن «ئىجادىيەت»لەر نورمال تاللاشقا پايدىسى بولمايلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىگە زىيانلىق. ھازىر ساپا مائارىپىنى تەكىتلەۋاتىمىز. ساپا مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش كېرەك؟ ئەقەللىسى نورمال تۇرمۇشقا ياتلاشماسلىق، مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق لازىم، مائارىپنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە