باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساقچى ۋە پۇقرالار رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلدى

‐‐ پىچاندا يۈز بەرگەن 26-ئىيۇن زوراۋانلىق-تېرورلۇق دېلوسىنىڭ جەريانى ھەققىدە

2013.07.08 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئىيۇل، كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، مۇخبىر پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن 26-ئىيۇن زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسىنى نەق مەيداندا كۆرگەن بىر نەچچە ئاساسلىق كىشىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى ۋە بىھۇدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرغا ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنىدىكى رەھىمسىز قىلمىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

  توپىلاڭچىلار ساقچى ماشىنىسىنى كۆيدۈرۈپ، خەلق ساقچىلىرىنى چېپىپ ئۆلتۈردى

  3-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن لۈكچۈن بازارلىق ساقچىخانىغا كىرىپ، ھويلىنىڭ يولغا يۆنەلگەن تەرىپىدىكى يېشىللىقنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، ساقچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ يېشىللىق توپىلاڭچىلار ساقچى ماشىنىسىنى كۆيدۈرگەندە كۆيۈپ كەتكەنىكەن. ساقچىخانىنىڭ بىرىنچى قەۋەت زالىنىڭ ئەينەك ئىشىكلىرى ۋە چاقچۇق تاملىرىدا كۆيۈك ۋە ئۇرۇش-چېقىش ئىزلىرى ھېلىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

  ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر ئىشخانىدا، مۇخبىر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشقان ئىككى ساقچى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ ياشراقى مۇخبىرغا ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى دىجورنىلىك قىلغانلىقىنى، ئەتىگەن سائەت 5 دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، توپىلاڭچىلارنىڭ ئۇزۇن پىچاقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئۇرۇپ چېقىپ، ماشىنىلارنى كۆيدۈرۈپ، خىزمەتچى خادىملارنى چېپىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە