باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىچان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «26-ئىيۇن» ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى ھەققىدە تۆت سوئال

2013.07.08 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: قوغۇن پىشىدىغان پەسىل يېتىپ كېلىپ، تۇرپان ئويمانلىقىنى مېچە-چىۋىلەرنىڭ خۇشپۇرىقىغا تولدۇردى.

  پىچاندا يۈز بەرگەن 26-ئىيۇن ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسىغا خېلى كۈنلەر بولدى، ۋەقە يۈز بەرگەن لۈكچۈن بازىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ئاساسەن ئەسلىگە كەلدى. بازارلىق ساقچىخانىنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىدا قېپقالغان كۆيۈك ئىزلىرى كىشىلەرگە بۇ يەردە ئېچىنىشلىق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.

  ئاشۇ قانلىق سەھەردە، زادى قانداق پاجىئە يۈز بەردى؟ بۇ قانداق زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى؟ زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلار زادى قانداق ئۇنسۇرلار؟ بۇ دېلو ۋە يېقىندىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن باشقا زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلولىرى كىشىلەرگە قانداق قايغۇ-ھەسرەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مۇشۇ بىرقاتار گۇمانىي سوئاللار بىلەن، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنىلا لۈكچۈن بازىرىغا يېتىپ كەلدى، ئۇدا نەچچە كۈن نەق مەيدانغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ج خ ئورگىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بىۋاسىتە كۆرگۈچىلەر ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسسلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسىنىڭ باش-ئاخىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى... (لى بىن، ماۋ يۇڭ، زوۋ ۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە