باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاراتقۇلار جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئۈمىد بار دېدى

2013.07.09 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈلۈۋاتىدۇ ھەم مۇشۇ يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جۇڭگونىڭ شەھەر-بازار ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ئالدىدا، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىش قىيىنچىلىقىنى قانداق يەڭگىللىتىدۇ، «شەھەر كېسىلى» توسالغۇسىنى قانداق سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش يولىنى قانداق پىلانلايدىغانلىقىغا ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلمەكتە. تۈرلۈك قىياس ۋە سۆز-چۆچەكلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، 26-ئىيۇن دۆلەت ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا، دۆلەتنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ نۆۋەتتە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ھەم چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش-مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.بۇ دوكلات شەھەر-بازارلاشتۇرۇش يولىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇردى، نوپۇس ئىسلاھاتى دوكلاتنىڭ ئەڭ چوڭ «يارقىن نۇقتىسى»غا ئايلاندى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: كىچىك بازار ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىپ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى تەرتىپلىك قويۇۋېتىپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى پەيدىنپەي بوشىتىپ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۆتكەلگەن يېزا ئىگىلىك نوپۇسىنى پەيدىنپەي شەھەر-بازار ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.

  دوكلاتتا يەنە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىمىي تۇرۇشلۇق شەھەر-بازار ئاھالىسىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاساسىي داۋالىنىش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىقلار بىلەن قاپلاش لازىملىقى كۆرسىتىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلە بولغان يەر تۈزۈمىگە قارىتا، دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش تۈزۈمى ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش، ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش، ساقلانما مىقدارىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يەردىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ يەر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق قاندۇرۇش لازىم.

  كەسىپ ئەھلىلىرى دۆلەتنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 2013-يىلى، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تېمىسى يېشىلىدىغان بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە