باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چاۋشيەن ۋەنجىڭتەي ئىنقىلابىي ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت (1)

2013.07.08 18:01   مەنبە: خەلق تورى

چاۋشيەن ۋەنجىڭتەي ئىنقىلابىي ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت (1)

  ۋەنجىڭتەي ئىنقىلابىي ئىنىستىتۇتى 1947-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان، چاۋشيەندىكى داڭلىق ھەربىي مەكتەپ، پيوڭياڭ شەھىرىنىڭ ۋەنجىڭتەي رايونىغا جايلاشقان، دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىللەردە ئاساسلىقى ياپونغا قارشى ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلىگەن، ھازىر ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمانلار ۋە قۇربان بولغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. ۋەنجىڭتەي ئىنقىلابىي ئىنىستىتۇتى توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى ھەربىي مەكتەپ. بىرىنچى يىللىقتىن ئالتىنچى يىللىققىچە چاۋشيەن مەجبۇرىي مائارىپىنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىغا توغرا كېلىدۇ، يەتتىنچى يىللىقتىن باشلاپ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھەربىي مەشىق تەربىيىسى قوبۇل قىلىدۇ. توققۇزىنچى يىللىققا چىققاندا ئالدىنقى سەپكە تەقسىملىنىپ، بىر يىللىق ھەربىي گازارما تۇرمۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مەكتەپتە ھازىر 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز