باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى خىراجەتنى قىسىشتا باشلامچى بولىدۇ

2013.07.08 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەزنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ھەققىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى بويىچە، يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلاردىن 2013-يىللىق ئادەتتىكى چىقىمىنى بىرتۇتاش ٪5 قىسقارتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاساسلىقى خىزمەت بىناسى ۋە ئىشخانا قۇرۇش ۋە بىزەش چىقىمى، يىغىن خىراجىتى، ئىش بېجىرىش ئەسلىھەسى سېتىۋېلىش خىراجىتى، كاماندروپكا خىراجىتى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىش خىراجىتى قاتارلىقلار قىسقارتىلىدۇ. (لى لىخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل