باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى شۇاڭجياڭنىڭ ئوغلى قاتارلىق 5 كىشىنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى ئەيىبلەندى

2013.07.09 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشىنى باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ، خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە شىكايەتنامە سۇندى. ئەيىبلەش پىكرىدە دەسلەپكى قەدەمدە لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشى باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە، ھەتتا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارالدى.

  مۇخبىر بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: مەھكىمىمىز 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خەيديەن رايونلۇق شۆبىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە سۇنغان لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئارىدا ج خ ئورگىنىنىڭ قايتا تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇقلىشىغا بىر قېتىم قايتۇردۇق. ھازىر لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشىنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 236 ماددا 3-تارماقنىڭ (4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكى، باسقۇنچىلىق جىنايىتى ھەتتا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى. (تۇ مىڭ، لۈ گوچياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە