باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرى « باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى » دىن نەپ ئالدى

2013.07.08 17:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، 2013-يىللىق « باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى » شىنجاڭ بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى تايانچ دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش تۈرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى فۇ جيالۈن باش بارمىقىنى چىقاردى. مەزكۇر قۇرۇلۇشتا شىنجاڭ تەۋەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە شىنجاڭدىكى ئاساسلىق تىببىي مەكتەپلەرنىڭ يېتەكچى دوختۇرخانىلىرىدا نۆۋەتلىك تەربىيلىنىدۇ. ئۈچ يىلدىن بۇيان « باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى » تۈرى بويىچە تەربىيلەنگەن ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرى 262 گە، سېستىرالار باشلىغى 72 گە يېتىدۇ،

  مۇخبىرنىڭ ئېگىلىشىچە، « باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى » نۆۋەتلىشىپ تەربىيلەش شەكلىنى قوللانغانىكەن. تەربىيلەشكە قاتناشقان ھەممە دوختۇرنىڭ مەخسۇس يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى بارئىكەن، ھەمدە ئۈچ ئايدا چوقۇم تەربىيلەشنى تاماملىشى كېرەك ئىكەن، تەربىيلەش جەريانىدا تەربىيلەنگۈچى دوختۇر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىدىن بىلىم ئالغاندىن باشقا، بىللە كېسەل كۆرۈپ، كېسەلخانىنى تەكشۈرۈپ، كېلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاساسىي بىلىمىنى پۇختىلايدىكەن. تەربىيلەش ئاياقلاشقاندا تەربىيلەنگۈچى دوختۇر يەنە ئىمتىھان بېرىش ۋە دېسىرتاتسىيە ياقلاش ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرەلەيدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم