- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز بىرلەشمە مانىۋېرىنىڭ تۇنجى كۈنى ھەربىي كۈچنى نامايان قىلىش ۋە لەڭگەر تاشلاپ مۇداپىئەلىنىش مانىۋېرى ئېلىپ بېرىلدى(1)
2013.07.09 15:13 مەنبە: خەلق تورى
شۇ جاي ۋاقتى 8-چېسلا سائەت توققۇز يېرىمدا، «دېڭىزدىكى بىرلەشمە ــــ 2013» ناملىق جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنىڭ ئەمەلىي مانىۋېر باسقۇچى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋىستوك شەھىرىدە باشلاندى، تۇنجى كۈنى ھەربىي كۈچنى نامايان قىلىش ۋە لەڭگەر تاشلاپ مۇداپىئەلىنىش مانىۋېرى ئېلىپ بېرىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمەلىي مانىۋېردا 11 تۈر ئورۇندىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىزدىن كېلىدىغان بىخەتەرلىك خەۋپىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلىدىكەن. 8-چېسلا جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە