باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹دۇنياۋى تەبىئىي مىراس›› قاتارىغا كىرىش خۇشاللىنارلىق ئىش، ئەمما ئۇنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپە

2013.07.09 11:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ تەڭرىتېغى 2013 – يىلى 21 – ئىيۇن 37 – نۆۋەتلىك دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار يىغىنىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئېلىمىز خەلقى بۇنىڭدىن پەخىرلەندى، دۇنيا خەلقى بۇنىڭغا ئامەت تىلىدى.

  دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە قارىساق، ئانتروپولوگىيەلىك قەدىمكى يادىكارلىقلار بولسۇن ياكى تەبىئىي مەنزىرىلەر بولسۇن، ھەممىسى قويۇق مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە. ‹‹ دۇنياۋى تەبىئىي مىراس›› قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياكى تەبىئىي مەنزىرىسىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىدۇر، بۇ زور شان – شەرەپ بولۇش بىلەن بىللە، خەلقئارا ئىقتىسادىي كۈچ ياردىمى يارىتالايدۇ، بۇنى نامغىمۇ ھەم مەنپەئەتكىمۇ ئېرىشىش دېيىشكە بولىدۇ.

  ھەر يىلقى دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار يىغىنى چوڭ كۆلەملىك مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئوخشاش ئۆتكۈزۈلۈپ، سەھنىدە تىزىملىكلەر بىر – بىرلەپ ئېلان قىلىنىدۇ. ‹‹دۇنياۋى تەبىئىي مىراس›› قاتارىغا كىرىش خۇشاللىنارلىق ئىش، ئەمما ئۇنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپە. ‹‹دۇنياۋى تەبىئىي مىراس›› قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ بۇ قىممەتلىك بايلىقىنى قانداق قوغداشنى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىشى كېرەك.

  مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدە نامىنى قالدۇرۇش مەڭگۈلۈك ‹‹ساقلاپ قېلىنىش›› ئۈچۈندۇر. ‹‹دۇنيا›› نامى بولغاچقا، مىراسلارنىڭ دۆلەت ئايرىمىسى بولمايدۇ، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاقتۇر. بۇ مىراسلار قايتا ھاسىل بولمىغاچقا، ئۇلارنى ھەسسىلەپ قوغداش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش مۇمكىن بولمىغاچقا، ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى مىراسلارنى قايتا ياساش تۈرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.

  دۇنياۋى تەبىئىي مىراس بولغان كېنىيەدىكى ناكۇرۇ دۆلەتلىك باغچىسىدا ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ ماس، ئورتاق ياشاش ئىدىيەسى ئاللىبۇرۇن كىشىلەرنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ باغچىدا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىش ۋە يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەرقانداق ھايۋانات ۋە ئۆزگىچە مەنزىرە تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سوۋغىسى، ئۇنىڭدىن تىنچ ھۇزۇرلىنىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.

  ئېكۋادوردىكى گىلاپاگوس تاقىم ئارىلى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى ‹‹دۇنياۋى تەبىئىي مىراس›› قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچى كۆپەيدى، كىشىلەرنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى، لېكىن ئۇلار قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمىگەچكە، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ‹‹خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان مەدەنىيەت مىراسى›› قاتارىغا كىرىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئېكۋادور ھۆكۈمىتى تۈرلۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، 2010 – يىلغا كەلگەندە ئارال ‹‹خەتەر››دىن قۇتۇلدى، بۇ ئۇلارغا بەكمۇ زور ساۋاق بولدى.

  تەبىئەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ‹‹تىرىك ئابىدىسى›› بولغان قىسمەن دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. بۇ يىلقى دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار يىغىنىدا يەر تەۋرەش بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىران بام قەدىمكى شەھىرى ‹‹خەتەر››دىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى، ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغان سۇرىيەنىڭ ئالتە جايىدىكى دۇنياۋى تەبىئىي مىراس ‹‹خەتەر›› ئىچىدە قالدى.

  قەدىمكى يادىكارلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن تايلاند بىلەن كامبودژا ھۆكۈمىتى پرېخ ۋېخرا ئىبادەتخانىسى ئەتراپىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدى، ئىلگىرى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوق – دورىلىرى بۇ ئىبادەتخانىغا تەھدىت سېلىپ كەلگەنىدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا تەرەپ بىرلىشىپ كامبۇدژادىكى تاكىئو ئىبادەتخانىسىنى ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرگەنىدى، گېرمانىيەنىڭ قوغدىغۇچىلار ئەترىتىمۇ جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىشىپ تاكىئو ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئويمىلارنى قوغداش تەجرىبىسىنى قانات يايدۇردى.

  تارىختىن بۇيان ئەجداتلىرىمىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەدەنىيەت ياراتقان ۋە بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ‹‹دۇنياۋى تەبىئىي مىراس›› نى قوغداشتا شوئار توۋلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، پائال ھەرىكەتكە كېلىشىمىز، ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مۇكەممەل قالدۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە