باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زوراۋان، تېررورچىلار شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى

مۇھەممەد نىياز

2013.07.09 11:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى 2000 دىن كۆپرەك ئىشچى – خىزمەتچى يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قاتتىق غەزەپ – نەپرەت ياغدۇردى.

  دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي تەتقىقاتچىسى تۆمۈر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: 26 – ئىيۇن پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى بىلەن 28 – ئىيۇن خوتەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ، بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدە زوراۋان، تېررورچىلار بىگۇناھ ئاممىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن قولىنى بوياپ، خەلقىئالەم ئالدىدا خۇددى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالدى، زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ تاللىغان ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، بۇنداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قىلچە رەھىمدىل بولۇشقا، يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا، بىخوتلۇق قىلىشقا، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ بۇنداق زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئالدىدىلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئالدىدا، قانۇن ئالدىدا كەچۈرگىسىز جىنايەت ئۆتكۈزدى، شۇڭا بۇ جىنايەتچىلەر قانۇننىڭ ئېغىر جازاسىنىڭ تەمىنى تېتىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا، خەلقنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ.

  شىنجاڭ ‹‹يېزا پەن – تېخنىكىسى›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ھەلىمە تۇرسۇن غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر ئوچۇم گېزەندىلەر زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىۋاتقانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىپ، ئىناقلىق كۈچىيىپ، خەلقىمىزنىڭ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىپ خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا ھەسەت قىلدى، مەن ئۇلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارىسىدىكى ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشنىڭ قەدىر – قىممىتىگە يېتىپ، زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلار ئۈستىدىن قىلىنىدىغان كۈرەشكە بارلىقىمنى تەقدىم قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تەھرىر – تەرجىمە ئىشخانىسىدىن ئابدۇۋايىت ئېلى مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز يۈكسەلدى، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچەيدى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىۋاتقان زوراۋان، تېررورچىلار بىلەن بولغان كۈرەشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە