باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرى تىغلىق ئەسۋابلار، خەتەرلىك بۇيۇملار، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار، تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا ئالاقىدار تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى يىغىپ باشقۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

2013.07.09 11:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈي يۈنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 3 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تىغلىق ئەسۋابلار، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار، تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا ئالاقىدار تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى يىغىپ باشقۇرۇش 15 كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىغلىق ئەسۋابلار، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، سېتىۋالغان، ساتقان، ئەۋەتكەن(پوچتىدىن)، ساقلىغان، يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن، تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا ئالاقىدار تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن، تارقاتقان، نۇسخىلىغان، ساقلىغان، تەمىنلىگەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، تۈزەش، رەتكە سېلىش ۋە يىغىۋېلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي توسۇپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغدىغان.

  ساقچى ئورگانلىرى ئاممىنىڭ تىغلىق ئەسۋاب، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار، تېررورلۇق، زوراۋانلىققا ئالاقىدار تەشۋىقات بۇيۇملىرىغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ئاكتىپ پاش قىلىپ، قانۇنسىز جىنايەتلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ. ج خ نازارىتى ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئالاقىدار مۇكاپاتلاش چارىسىنى تۈزۈپ، تىغلىق ئەسۋابلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلارنى جازالىمايلا قالماستىن، بەلكى تاپشۇرغان تىغلىق ئەسۋابلىرىنى بازار باھاسى ياكى بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىغانلىقىنى، پاش قىلىنغان جىنايەتلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا، پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئامما تىغلىق ئەسۋابلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايسى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىغا تاپشۇرغان بولسا ياكى پاش قىلغان بولسا، شۇ دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى مۇكاپاتلايدىكەن، جايلاردىكى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى 110(ياكى شۇ جاينىڭ دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونى)، ج خ نازارىتىنىڭ پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى: 5589116 – 0991 (كۈندۈزى)، 5586624 (كېچىلىك).

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە