باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

گۇاڭدۇڭنىڭ ماۋمىڭ شەھىرىدە ھادىسە سەۋەبىدىن كوللىكتىپ ۋەقە يۈز بەردى، ۋەقە تۇغدۇرغۇچى تەرەپ ئاممىنى توپلاپ شۇ يەرلىك ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلدى (1)

2013.07.08 17:35   مەنبە: خەلق تورى

گۇاڭدۇڭنىڭ ماۋمىڭ شەھىرىدە ھادىسە سەۋەبىدىن كوللىكتىپ ۋەقە يۈز بەردى، ۋەقە تۇغدۇرغۇچى تەرەپ ئاممىنى توپلاپ شۇ يەرلىك ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلدى (1)

  7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ماۋمىڭ شەھەرلىك ساقچى تەرەپ ماۋمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن كومبايىن بۇغداي ئورۇۋاتقاندا ئادەم سوقۇۋېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كوللىكتىپ ۋەقەنى كەسكىن بىرتەرەپ قىلدى. ۋەقە سادىر قىلغۇچى تەرەپتىكى ياقا يۇرتلۇق كىشىلەر ئاممىنى توپلاپ شۇ يەرلىك ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ، ساقچىخانا دىجۇرنىلىق ئۆيىدىكى خىزمەت سايمانلىرىنى چېقىپ، ئىككى نەپەر خەلق ساقچىسىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى ۋە مەجبۇرى تۇتۇپ كەتتى. شۇ جايدىكى ساقچىلار بۇ ۋەقەنى كەسكىن بىرتەرەپ قىلىدى ھەم خەلق ساقچىلىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى ۋە ئىككى نەپەر ۋەقە تۇغدۇرغۇچىنى قانۇن بويىچە كونترول قىلدى.

  شۇ كۈنى چۈش سائەت 11دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە گاۋ جوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 110 دېلو مەلۇم قىلىش مۇلازىمەت ئورنىدىكىلەر دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالدى، دېلو مەلۇم قىلغۇچى گاۋ جوۋ شەھىرى شىگۇ بازىرى شياڭشەن تاڭپى كەنت كومتېتى بەينى كەنتىدە جېدەل چىققانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ۋەقە ياللىنىلغان بىرنەچچە ياقا يۇرتلۇق ئىشلەمچىنىڭ كومبايىندا بۇغداي ئورۇۋېتىپ شۇ يەرلىك بىر يېزا ئاھالىسىنى سوقۇۋېتىشىدىن كېلىپ چىققان، ۋەقە تۇغدۇرغۇچى يارىلانغۇچىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئۇنىمىغاچقا جېدەل كېلىپ چىققان ۋە ھەر ئىككى تەرەپتىكىلەر يارىلىنىپ، ياقا يۇرتلۇق ئىشلەمچىنىڭ ماشىنىسى بۇزۇلغان، شياڭشەن يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ كېلىشتۈرىشى نەتىجىسىدە، ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى تەرەپ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە ساقچىخانىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغان، يارىلانغۇچى شياڭشەن يېزا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان. سائەت 17 ئەتراپىدا، ياقا يۇرتلۇقلار ئارقا-ئارقىدىن 40 نەچچە يۇرتدېشىنى ۋە 30دىن ئارتۇق ماشىنىنى يىغىپ شياڭشەن يېزىلىق ۋېيخې ساقچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىۋالغان. شۇ كۈنى كەچ سائەت 8لەر ئەتراپىدا ياقا يۇرتلۇق كىشىلەر تۆمۈر كالتەك تۇتقان ھالدا شياڭشەن يېزىلىق ساقچىخانىغا بېسىپ كىرىپ، دىجۇرنىلىق ئۆيىدىكى ئۈستەل ۋە كومپىيۇتېرنى چېقىۋەتكەن، شۇ يەردە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىككى نەپەر ساقچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ۋە تۇتۇپ كەتكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ۋە ماۋمىڭ، گاۋجوۋ شەھەرلىك پارتكوم-ھۆكۈمەت دېلوغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. گاۋجوۋ شەھەرلىك ساقچى ئورگىنى ساقچى ئەۋەتىپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 9لار ئەتراپىدا، ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەرنى شىگۇ بازىرى پىۋېي يول بۆلىكىدە قولغا چۈشۈردى. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ساقچى تەرەپ قاتتىق سەۋرچان بولۇپ، ماشىنىغا سولۇنۇپ قالغان يارىلانغان ساقچىلارنى قۇتقۇزدى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن تولۇق خەۋەردار بولمىغان ياقا يۇرتلۇق ئاممىنىڭ تولىسىنى نەسىھەت قىلىپ تارقاقلاشتۇرۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى كىشىنى قانۇن بويىچە قولغا ئالدى.

  نۆۋەتتە، دېلو دەسلەپكى قەدەمدە تىجىتىلدى، ساقچى تەرەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىق ئايرىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (سۈن زىڭبىڭ)

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز