- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش سېرىق سىگنالى ئېلان قىلدى، شىمالىي جۇڭگودا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدۇ
2013.07.09 15:19 مەنبە: خەلق تورى
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 8-ئىيۇلدىن 11-ئىيۇلغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي رايونلىرى بۇ يىل يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق ھۆل-يېغىننىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى (7-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمى) كۈنلۈك ياكى مومېنتلىق ئەڭ يۇقىرى ھۆل-يېغىن مىقدارىغا يېقىنلىشىشى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.8-ئىيۇل سائەت 10دا، مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش كۆك سىگنالىنى سېرىق سىگنالغا ئۆزگەرتتى. سائەت 12دە، جۇڭگو ھاۋارايى ئىدارىسى 3-دەرىجىلىك ئېغىر ھاۋارايى ئاپىتى (قارا يامغۇر) گە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تەرەددۇتلىنىپ، بۇ قاتتىق يامغۇرغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە