8-ئىيۇل سائەت 19 ئەتراپىدا، شاڭخەيدىكى پۇدوڭ ئەسىر چوڭ يولى لۇجيازۈي ئايلانما يولىدا بىر قوش قەۋەتلىك ساياھەت ئاپتۇموبىلى ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كەتتى، ئوت يالقۇنى ئاسمان-پەلەك كۆتۈرۈلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇل شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پۇدوڭ تارماق ئىدارىسى يوللىغان مىكرو بلوگىدا مۇنداق دېيىلدى: تەخمىنەن 19دىن 3مىنۇت ئۆتكەندە ساقچى تەرەپ 110تېلېفونىدا بىر ساياھەت ئاپتوبۇسىنىڭ لۇجيازۈي ئايلانما يولىدا كۆيۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ج خ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرىتى قاتارلىق ئورۇنلار تېزلىكتە يېتىپ بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى. بەختكە يارىشا ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئاپتوبۇستا يولۇچى يوق بولۇپ، ئوت تەخمىنەن 19دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە ئۆچۈرۈلدى. پۈتۈن ۋەقە جەريانىدا يارىلىنىش كۆرۈلمىدى. ئاپتوبۇسنىڭ ئوت كەتكەن قىسمى ماتور قىسمى بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۈر رايوننىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلدى.