خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇل خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇرغا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە خەنياڭدىكى ماساڭ كۆلىنىڭ پاتقاقلىق سۇ يۈزى ئونمىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشتى. ئەڭ چوڭقۇر يەردىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 2 مېتىر بولۇپ، نۇرغۇن ئامما قاپسىلىپ قالدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار ۋە بالىلار.