باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ

2013.07.09 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ باش بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە دېخۇي خەلقئارا كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىنىڭ ئالتىنچى قەۋىتىدىكى يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى كىيىم-كېچەك بايرىمى 5 كۈن بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : 2013-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت كۆرگەزمىسى، 2013-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى، ( كىيىم-كېچەك ماركىسى ئېلان قىلىنىدۇ )، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى ئۇستىلىرى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ئېسىل بۇيۇملار كۆرگەزمىسى، ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم كېچەك بايرىمى خەلقئارائوبراز ۋەكىلى تاللاش دۇنياۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭ كىيىم-كېچەك لاھىيلىگۈچىلىرى مۇسابىقىسى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە-شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭ كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ ھەمكارلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى ئون چوڭ خىزمەت كىيىمى ماركىسىنى تاللاش، مىللىيچە كىيىملەر بىرلەشمە كۆرگەزمىسى ۋە مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى قاتارلىقلار.

  بۇ قېتىمقى كىيىم-كېچەك بايرىمى شىنجاڭنىڭ كىيىم مودىلىرى توپلىنىپ. شىنجاڭدا ئەسلىدىنلا بار بولغان مودا ئېلمىنتلار تولۇق نامايەن قىلىنىدۇ. دېخۇي خەلقئارا كىيىم-كېچەك شەھەرچىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل قىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، شىنجاڭ كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە