باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: توي قىلىپ بولغانلار 3 يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ

2013.07.09 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2001-يىلى 1- ئاينىڭ 4-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خىزمەتچىلەر نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىشىپ تارقاتقان « ئاپتونوم رايون شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش تەمىناتىغا دائىر مەسىلىلەرگە قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» تىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن : توي قىلمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر پرىنسىپ بويىچە يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى 20 كۈن بولىدۇ. ئەگەر خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن، مەزكۇر ئورۇن شۇ يىلى رۇخسەت بەرمىسە، ياكى ئىشچى-خىزمەتچى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىككى يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى 45 كۈن بولىدۇ. توي قىلىپ بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدۇ، تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى 30 كۈن بولىدۇ. دۆلەت بەلگىلىگەن تۆت يىلدا بىر قېتىم تۇغقان يوقلىسا بولىدىغان تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىغا قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش قېتىم سانى كۆپرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئۇدا ئىشلىگەن خىزمەت ستاژى 20 يىلغا يەتكەنلەر ياكى يېشى 40 تىن ئاشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر پويىز ياكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ تۇغقان يوقلاشقا بارسا، قاتتىق كارىۋاتلىق ئورۇن بېلىتى بىردەك ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ. ئەسلىدە تۇغقان يوقلاش شەرتى ھازىرلىمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تۇغقان يوقلاش تەمىناتىدىن بەھىرلەنسە بولىدۇ.

  تۇغقان يوقلاش ئوبيېكتى پەقەت ئاكا-ئۇكىسى، ئاچا-سىڭلىسى، قىز-ئوغۇللىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. يول خىراجىتى ئۈچۈن يوقلاش ئوبيېكتى ئارىسىدىكى بىرىنىڭ ئۇدۇل بارىدىغان، مۇۋاپىق يول لېنىيىسىنى ئاساس قىلغان پويىز، ماشىنا ۋە پاراخوت بېلىتى ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە