- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى چۈشۈردى
2013.01.31 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرى، كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شياڭگاڭدا سېتىلغان ياكى ئىمزا قويۇلغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى ئەسلىدىكى 230 شياڭگاڭ پۇلىدىن 227 شياڭگاڭ پۇلىغا؛ ياپونىيەدە سېتىلغان ياكى ئىمزا قويۇلغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭكىنى ئەسلىدىكى 6500 ياپونىيە يېندىن 6000 ياپونىيە يېنغا؛ شياڭگاڭغا قونۇپ باشقا جايلارغا ئۇچىدىغان لىنىيەلەرنىڭكىنى ئەسلىدىكى 29.50 دوللاردىن 29.10 دوللارغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.(لياۋ فىڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە